ۋىسال پەسلى تورىنىڭ ئەزالىق تىزىملىتىش كېلىشىمىنى
< بويتاقلىق بايرىغى>نى چىقىرىش ياخشى ئەھۋال ئەمەس، نىكاھ نۇرغۇن بۇزۇقچىلىق ۋە زىنانىڭ، پىتنە-پاسات ،ئاغرىق ئاداۋەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئەمما نىكاھلىنىشتا قاياقتىندۇر <ئاق ئاتلىق شاھزادىلەر>نىڭ كىلىپ ئېلىپ كىتىشىنى كۈتۇپ يېتىش، تەسادىبى بىرەر "پەرىزات مەلىكىلەر"نى ئۇچرۇتۇپ قېلىشنى ساخلاپ يۇرۇش جۆرە تېپىشتىكى ئەمىلى پوزىتسىيە ئەمەس ، ھەممە ئىشقا تىرىشىش ،ئىزدىنىش كېرەك ،تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش ئەمىلىيەتتە ئىرىشىش ئۇچۇندۇر.
كىلىشىم نامە
ئەزا بولماقچى بولغان تورداشلار تۆۋەندىكى كىلىشىمگە قوشۇلۇشى كېرەك .
- چوقۇم مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىش مەقسىتى بولۇشى كېرەك.
- چوقۇم بويتاق بولۇشى كېرەك، يەنى توي قىلمىغان، نىكاھتىن ئاجراشقان ياكى جۈپتىدىن ئايرىلغان بولۇشى كېرەك.
- چوقۇم23ياشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
- ئورنىمىزنى ئۆزىنىڭ ھەقىقى، توغرا ۋە ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
- سۆز قالدۇرۇش ساندۇقىغا قالايمىقان، ئەخلاقسىز سۆزلەرنى يازماسلىقى، قالايمىقان رەسىم ئەۋەتمەسلىكى كېرەك.
- گەپ سۆزلەر ئىلمىي، رېئاللىققا يۈزلەنگەن ئاساستا بولۇشى كېرەك.
- لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنىمىز ئەركىن مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ قارىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىشى، مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك .
مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا:
- 1. مۇلازىمەتنىڭ ۋاقتىدا بولۇشى ۋە تېخىمۇ ئۇۇملۇك بولۇشى ئۇچۇن ئەزالارنىڭ چۇقۇم چ چ نۇمۇرى بولۇشى كېرەك .
- 2. ئالاھدە ئەزالارنىڭ بىزنى ساختا ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بايقالسا، مۇدداسى باشقا دەپ قارىلىپ ۋىسال تورى ئالاھىدە ئەزالىق سالاھىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ۋە مۇلازىمەت توختۇتۇلىدۇ .
ئادرىسى:ئۈرۈمچى باۋخېڭ سودا سارىيى 29-قەۋەت ( فەرھات-شىرىن كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىۋى ئۇدۇلىدا )
تېلىفون:0991-2827882 e-mail : 1332596092@QQ.com
QQ:1332596092 باشقۇرغۇچى :رەيھانگۈل مۇئەللىم تور تېخنىكىسىدا : ئەل تەشنا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
مەڭگۈلۈك تور ئادرىسىمىز: http://www.wisal.cc