ئابونىت: پارول: تەستىق نۇمىرى: 4654

ۋىسال تورى ھەققىدە

مۇلازىمىتىمىز ھەققىدە

بىزنىڭ نىشانىمىز:

رايونىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا مۇكەممەل تېخىمۇ قولايلىق تېخىمۇ ئىشەنچىلىك بولغان خىلى-خىلىغا ماس كېلىدىغان جۆرە تاللاش سورۇنى ھازىرلاش. نىكاھ دىگەنلىك – بەخت دىگەنلىكتۇر. كۆڭۈلدىكىدەك جۆرە تاللاپ بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ياشاش ھەربىر ئىنساننىڭ ئارزۇسى . دېمەك جۆرە تاللاش ئىنسان ھاياتىدىكى چوڭ بىر ئىش. بىز كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ياشلارغا ۋە بويتاقلارغا بۇ سورۇننى ھازىرلىدۇق . سىزگە ئازراق بولسىمۇ بەخىت تۇيغۇسى ئاتا قىلالىساق بىزمۇ خوشال بولىمىز ، سىزنى بەخىت قوينىغا ئېلىپ كىرەلىسەك بىزمۇ ئۆزىمىزنى بەخىتلىك ھىس قىلىمىز.

بىزنىڭ خىزمەت پوزتسىيىمىز:

ئىشەنچ – دوسلۇقنىڭ ئاساسى ، سىز بىزگە ئىشەنگەنسىز دېمەك سىز بىزنىڭ دوستىمىز ، دوسلىرىمىز ئۈچۈن راسچىل ، سەمىمىي ، ئەملىيەتچىل بۇلۇش ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . دوستىمىز تىزراق ۋىسال تېپىپ ، بەخىت قۇشلىرىنىڭ كەڭ سامادا ئەركىن پەرۋاز قىلىشىنى كۈرۈش بىز ئۈچۈن زور شان-شەرەپ.

لايىق تۇنۇشتۇرۇش ئورنى ۋە ساختىلىق

لايىق تۇنۇشتۇرۇش كەسپى رايۇنىمىزدا بۇلۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى ئەمدىلا باشلىنىۋاتقان بىر كەسىپ ، شۇڭا نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ بۇ كەسىپكە نىسبەتەن چۈشەنچىسى كەمچىل ، دەل مۇشۇ چۈشەنچىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھازىر بىر قىسىم ئاچكۆز كىشلەر ئازغىنا مەنپەتنى دەپ باشقىلارنىڭ پايدا زىيىنى بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ ، ھەربىر كەسىپ ئۆزىگە يارىشا ئىقتىسادى قىممەت ياراتمىسا ئۇ كەسىپ زوۋاللققا يۈزلىنىدۇ ئەلۋەتتە. بىراق مۇھىمى يەنىلا ئىقتىسادى قىممەت ئەمەس ، بەلكى نام-ئابروي ، ئۆز-ئارا ئىشەنچ ، شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ لايىق تۇنۇشتۇرۇش ئورنىنى توغرا تاللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئادرىسى:ئۈرۈمچى باۋخېڭ سودا سارىيى 29-قەۋەت ( فەرھات-شىرىن كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىۋى ئۇدۇلىدا )

تېلىفون:0991-2827882 e-mail : 1332596092@QQ.com

QQ:1332596092 باشقۇرغۇچى :رەيھانگۈل مۇئەللىم         تور تېخنىكىسىدا : ئەل تەشنا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

مەڭگۈلۈك تور ئادرىسىمىز: http://www.wisal.cc